Uyghur←ChineseMain Dictionary
دېمېتېر
دۇنيا تارىخى
狄墨忒耳
dí mò tè ěr
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دېھقانچىلىق ۋە مول ھوسول خۇداسى. رىم ئەپسانىلىرىدا كېرېس دەپ ئاتىلىدۇ. كىرۇس بىلەن رېيەنىڭ قىزى،زېۋىسنىڭ ئىگىچىسى؛زېۋىس بىلەن توي قىلىپ مول ھوسۇل خۇداسى پېرىسېخونېنى تۇغقان. ئۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن يۇنانلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى ئېتىقادقا ئېرىشكەن. ئېيتىلىشچە پېرىسېخونې گۈل ئۈزۈۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت يېرىلىپ ئاخىرەت پادىشاھ خادېس چىقىپ ئۇنى بۇلاپ كەتكەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دۇنيانىڭ خانىكىسى بولۇپ قالغانمىش. دېمېتىر ئىنتايىن پەرىشان بولۇپ ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىغان، يەرلەر قاقاسلىشىپ كىشىلىك دۇنياسى ئاچارچىلىق ئىچىدە قالغان زېۋىس ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن قىزىنىڭ يىلىغا بىر قېتىم دىدار كۆرىشىگە يول قويغان. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىگە باھار يېتىپ كېلىپ دانلىق زىرائەتلەر يېڭىباشتىن بولۇق ئۆسۈپ چىقىدىغان بولغان، شۇڭا<دېمېتىر><يەر ئانا> ياكى<زىرائەتنىڭ ئانىسى>دېگەن مەنىدە بولۇپ ئۇ يالغۇز گرېتسىيىنىڭ ئولۇمپيە تېغىدىكى خۇداسى بولۇپلاقالماي بەلكى بەزى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغانغۇچى مىللەتلەرنىڭمۇ مەبۇدىسى بولۇپ ھېسابلانغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
得墨忒耳(谷物之母)
dé mò tè ěr (gǔ wù zhī mǔ )