UyghurMain Dictionary
دېموستېنې
دۇنيا تارىخى
(1) (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 413). قەدىمكى ئافىناگېنېرالى. ئالكىستېنىڭ ئوغلى پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا قايلاردا جەڭ قىلغان. مىلادىدىن 425-يىل ئىلگىرى بىر كىچىك فلوتنى باشلاپ پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇنىي قىسمىدىكى مېسسېنىيە بويلىرىغىچە بېرىپ، پىيلوس پورتىنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ئىستىھكاملارنى مۇستەھكەملەپ، ھېلوتىسلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقان. سپارتالىقلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەر (420 كىشى) نى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ يېنىدىكى سپاكتېرىيەنى بېسىۋېلىپ تىركىشىپ تۇرغان. ئافىنادىن ياردەمگە كەلگەن قوشۇننىڭ ياردىمى بىلەن ئارالدىكى سپارتا قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان ھەم ئۇلارنى تەلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان، كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. مىلادىدىن 413-يىل ئىلگىرى، بۇيرۇققا بىنائەن سىتسىلىيە رايونىدىكى ئافىنا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسىگە ياردەم بەرگەن. نىكئاسقا ئەمەلىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چېكىنىشنى تەكلىپ قىلغان. نىكئاس كەسكىن قارارغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سراكۇز - سپارتا بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيىسى تارمار بولغان. ئۇ نىكئاس بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن. (2) (مىلادىدىن ئىلگىرى 384 - 322) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، پوبلىستى. ئانتىكادىكى پېئانىيىدە تۇغۇلغان. دېموستېنېنىڭ ئوغلى. گېنېرال كونوننىڭ ئوغۇل نەۋرىسى. ئىسايودىن ستىلىستىكىنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ كېكەچلەيدىغان ئەيىبىنى تۈگەتكەن. ياش ۋاقتىدا ئىستىلىستىكا ئوقۇتقان. ئاندىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئافىنانىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى دېموكراتلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان. ئۇ نۇتۇق سۆزلەپ، يۇنانلىقلارغا خاس باتۇرلۇق، قەيسەرلىك ۋە پىداكارلىق روھى يوقىلىۋاتىدۇ، دېموكراتىك سىياسەت زەئىپلىشىۋاتىدۇ، دەپ ھەسرەت چەككەن. ئىسوكرادىنىڭ ئەكسىچە ماكېدونىيە پادىشاھى فېلىپ نى قارا نىيەت ۋە زالىم پادىشاھ دەپ قارىغان. فېلىپنى يۇناننى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يۇنانغا خاس مۇستەقىللىك ۋە ئەركىنلىكنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ماكېدونىيە قوشۇنى جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ تىسسالىيىنى بېسىۋالغاندا، ئۇنىڭ ماكېدونىيىگە قارشى سىياسىي كۆز قارىشى كەڭ ھېسداشلىققا ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئافىنا دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى (ئوتتۇرا يۇناندىكى دىبىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئافىنا بىلەن بىرلىشىپ، ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بىللە قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلغان. كارونېئا جېڭىدە (مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرىكى) مەغلۇپ بولغان. ماكېدونىيەپەرەس كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ، چەتكە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرىكى يىلى ئافىناغا قايتىپ بېرىپ، ماكېدونىيىگە قارشى ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغان؛ كۈچى يېتەرسىز، ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش بولغاچقا لامىيە جېڭىدە (مىلادىدىن 23 يىل ئىلگىرى) مەغلۇپ بولغان. ماكېدونىيە قوشۇنى ئافىنغا كىرگەن. سىرتتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن؛ ئۇ كالۇرىيە ئارىلىغا قېچىپ بېرىپ، زەھەر ئېچىپ ئۆلۈۋالغان. ھازىر <فېلىپقا رەددىيە( قاتارلىق نۇتۇقلىرىدىن 40 پارچە بولۇپ، بۇلار قەدىمكى دەۋردىكى بەس - مۇنازىرە ماھارىتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىپ، كېيىنكىلەرگە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.