Uyghur←ChineseMain Dictionary
دېموكراتلار جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى民主协会
mín zhǔ xié huì
كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتى. 1847-يىلى 1-ئايدا بريۇسسېلدا قۇرۇلغان. بېلگىيىلىك دېموكراتىزمچى بولغان، گېنېرال مىللىنېت (1769 - 1852) پەخرىي رەئىس بولغان. ماركس مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن، ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تەربىىسى ئارقىسىدا جەمئىيەت ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. 1848-يىلى 2-ئايدا، بېلگىيىدە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولىسمۇ، نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ماركس برۇيسسېلدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، جەمئىيەت پائالىيەت ئىقتىدارىن يوقىتىپ، تار، يەرلىك خاراكتېردىكى تەشكىلاتقا ئايلىنىپ كەتكەن. 1849-يىلدىن باشلاپ پائالىيىتىنى توختاتقان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.