Uyghur←ChineseMain Dictionary
دېموكراتىك سوتسىيالىزم
دۇنيا تارىخى
民主社会主义
mín zhǔ shè huì zhǔ yì
ماركسىزم - لېنىنىزمغا قارشى ھازىرقى زامان ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىك گۇرۇھى تەرىپىدىن پروگرامما خاراكتېرلىك شوئار قىلىنغان ھەمدە 1951-يىلى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد دېگەن يېرىدە چاقىرىلغان <سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى ئىنتېرناتسىئونالى> نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ سوتسىيالىزمنى كۆز - كۆز قىلىپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى ۋە ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قىلپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. بۇرژۇئا دۆلىتىنى سىنىپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەننى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلىپ، كاپىتالىستىك دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتقا ئارىلىشىشىنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم، دەپ ھېسابلىغان. كاپىتالىستىك مۈلۈكچىلىك ۋە بۇرژۇئا دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان شارائىتتا، ئانچە - مۇنچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سىنىپلارنىڭ <تىنچ ھەمكارلىشىش> ئارقىلىق، سوتىيالىزمغا <تىنچ ئۈسۈپ كىرگىلى> بولىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ماھىيىتى سوتسىيالىزم ۋىۋىسكىسى ئارقىلىق كاپىتالىزم تۈزۈمىنى قوغداشتىن ئىبارەت.