UyghurMain Dictionary
دېلچېۋ
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1907) بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكرات. ماكېدونىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. قول سانائەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سوفىيە ھەربىي داشۆسىدە ئوقۇغان، ئىنقىلابىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1894-يىلى ماكېدونىيىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. <ماكېدونىيە - ئادرىيانوپول ئىچكى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى> غا قاتنىشىپ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ھەمدە چەت ئەلدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. كۈرەش داۋامىدا، بالقان پادىشاھلىقىنىڭ ماكېدونىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغانلىقىدەك سۇيىقەستنى پاش قىلغان. قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، يەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېت ۋە پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ماكېدونىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1903-يىلى 5-ئايدا تۈركىيە لۈكچەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.