UyghurMain Dictionary
دىلبەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلغۇچى.
گۈزەل، جانان، مەشۇق، مەھبۇب:
ئەي يىنجۇ تشلىق دىلبەرىم، لەئلى گۇھەر بارىڭ ھەقى،
سەككاكىنىڭ ئىككى كۆزىن ھەر لەھزە ئۇممان ئەيلەمە.
سەككاكى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈل ئالغۇچى، كۆڭۈلنى تارتقۇچى، كۆڭۈلنى بەرگۈچى، مەشۇقە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان، دىلنى ئۆزىگە تارتىدىغان؛ گۈزەل، نازىنىن.
ئۇ شۇ قەدەر دىلبەر ئىدىكى، ئاق سۈزۈك رۇخسارىغا خوپ ياراشقان كۆز، بۇرۇن پىچىملىرى، كۈلۈمسىرىگەندە، ھاسىل بولغان غۇنچىدەك زىنىخى بىلەن ھەممىنى تارتالايتتى.
ئى. گۈزەل مەھبۇبە، مەشۇقە، سۆيگەن، ياخشى كۆرگەن كىشىسى.
دىلبىرىم مەندىن يىراق، دىلبىرىمدىن مەن يىراق، دىلبىرىم قېشىمغا كەلسە، ياندۇرارمەن شام چىراغ.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
يېقىملىق، كۆڭۈلنى ئالغۇچى، مەپتۇن قىلغۇچى؛ گۈزەل، زىبا؛ سۆيۈملۈك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
دىلبەرقىز، دىلبەرگۈل
كۆڭۈلنى تارتقۇچى