UyghurMain Dictionary
دىلبەند
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىراۋغا كۆڭۈل قويغان، كۆڭۈل بەرگەن، كۆڭلى باغلانغان؛ ئاشىق.
كۆڭلىنى رام قىلىۋالغان كىشىسى، سۆيگىنى.
جىگەر پارىسى، پەرزەنتى:
بۇلار دېدىكى: ئەي فەرزەندى دىلبەند،
غىزا يەپ ئوتلۇرۇپ خۇررەمۇ خۇرسەند.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى باغلىغۇچى؛ ئەزىز، سۆيۈملۈك، قەدىردان. كۆچمە مەنىسى: پەرزەنت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت. قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇچى؛ كۆڭلىنى، دىلىنى ئۆزىگە تارتقۇچى.
- بەس، - دېدى ئۇ، - شەرتلىرىمنى تولۇق ئورۇندىدىڭ، ماڭا كۈيئوغۇل، مەلىكىگە دىلبەند بولدۇڭ.
مۇھىت دېگەن كەڭ جاھاننىڭ پەرزەنتىمەن، مىليون - مىليون يۇرتداشلارنىڭ دىلبەندىمەن.