Uyghur←ChineseMain Dictionary
دىكتاتور
دۇنيا تارىخى
狄克推多
dí kè tuī duō
لاتىنچە dicator نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ھاكىممۇتلەق ئەمەلدار> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى قەرەلسىز ئالىي باشلىق. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن. رىم دۆلىتى جىددىي ئەھۋالدا قالغان (ئادەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە) چاغدا سېنات قارار قىلىپ بىرك ىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، كونسۇل تەيىنلەش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بەرگەن، ئۇنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئاشمىغان. زۆرۈر تېپىلغاندا قايتىدىن تەيىنلەنگەن (ۋزىپە ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەنسەپتىن قالغان). دىكتاتور ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، زور ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تولۇق ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، خەلق ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى لازىم ئىى. دىكتاتور سەپەرگە ئاتلانغاندا فاشىست كالتىكىنى كۆتۈرگەن 12 نەپەر لىكتور قوغداپ ماڭغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھۆكۈمرانلاردىن سوللا، كائېسار دەرىجە ئاتلاپ، ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتور بولغان. كائېسار قەتل قىلىنغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى)، كونسۇل ئانتونىنىڭ تەكلىپى، سېناتنىڭ قارارى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ دىكتاتور (ھاكىممۇتلەق) تەيىنلىمەسلىكنى بەلگىلىگەن.
ئۇنىۋېرسال
首席执政官
shǒu xí zhí zhèng guān