Uyghur←ChineseMain Dictionary
دې - جىما
دۇنيا تارىخى
出岛
chū dǎo
ياپونىيىنىڭ ناگاساكى پورتىدا سۈنئىي ياسالغان ئارالچە. 1636 - 1634-يىللىرى ياسالغان. ئارالچە يەلپۈگۈچ شەكلىدە بولۇپ، يەر مەيدانى 13100 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ھازىر ناگاساكى شەھەر رايونىنىڭ بىر بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. 1637-يىلى شىماگا ھارائاماكۇسا قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئېدو شوگۇنلىقى ياپونىيىلىكلەرنىڭ چەت ئەللىكلەر بىلەن باردى - كەلدىسىنى چەكلەش ئۈچۈن، پورتۇگالىيە سودىگەرلىرىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياپونىيىلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان. پورتۇگالىيىلىكلەر بىلەن بېرىش - كېلىشنى ئۈزگەندىن كېيىن، 1641-يىلى گوللاندىيىلىكلەرنىمۇ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، گوللاندىيە سودا دۇكىنى قۇرغان. تاكى 1855-يىلغىچە گوللاندىيە سودىگەرلىرىنىڭ تۇرالغۇسى بولغان. ھازىرمۇ بۇ يەر پوچتا پرىستانى.