Chinese→UyghurMain Dictionary
低音胡西塔尔
Domain: ئۇيغۇر چالغۇلىرىباس قۇشتار
بۇ يۇقىرىقى قۇشتارنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن چوڭايتىلىپ ياسالغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئوركېستىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە ياساش ئۇسۇلى قۇشتار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھەجمى چوڭ، ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يەرگە تىكلەپ، سول قولدا پەدە بېسىپ، ئول قولدا كامانچە تارتىش ئارقىلىق چېلىنىدۇ.
باس قۇشتارنىڭ ئېگىزلىكى چوڭ ئىسكىرىپكا ۋە باس غىرجەك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تۆت تار سېلىنىدۇ، تەڭشىلىشى ۋە چېلىش ئۇسۇلىمۇ پەرقلەنمەيدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.