Chinese→UyghurMain Dictionary
第一保加利亚王国
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى
بالقان يرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى فېئودال دۆلەت (681 - 1018). مىلادى Ⅶ ئەسىردە، ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالى قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي سلاۋىيانلارنىڭ يەتتە قەبىلىسى <يەتتە قەبىلە ئىتتىپاقى> نى قۇرغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئاسپارۇخ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق دوبرۇجا ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن سلاۋىيانلار بىلەن بىرلىشىپ، 681-يىلى ۋىزانتىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈپ، ۋىزانتىيە بۇلغار - سلاۋىيانلار قۇرغان دۆلەتنى ئېتىراپ قىلغان. مانا بۇ بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىق دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىنەز كرۇم تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (803 - 814) زېمىنى ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ پۈتۈن قىسمىنى ۋە رومىنىيە، ۋېنگرىيىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەخمىنەن 865-يىلى كىنەز بورىس خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى قىلپ تىكلىگەن. ئىمپېراتور سىمېيون تەختتىكى چاغدا (893 - 927) يەنە سېربىيە، ماكىدونىيە ۋە سىروسنىڭ بىر قىسمىنى قوۇۋېلىپ، بۇلغارىيە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. سىمېيون ئۆلگەندىن كېيىن، يەرلىك فېئودال كۈچلەر كۈچىيىپ، دۆلەت زېمىنىدا پارچىلىنىش ھالىتى يۈز بەرگەن. 969-يىلى ساموئل باشچىلىقىدىكى غەربىي بۇلغارىيە ئاقسۆڭەكلىرى غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1018-يىلى ۋىزانتىيە غەربىي بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى مۇنقەرز قىلغان، بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاخىرلاشقان.