Chinese→UyghurMain Dictionary
迪亚土
دۇنيا تارىخى
دىئاس
(تەخمىنەن 1450 - 1500) پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى. 1847 - يىلى 8 - ئايدا، پورتۇگالىيە كورۇلى جوئا Ⅱ نىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئۈچ كېمىنى باشلاپ ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، چوڭ فېس دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىغا يېتىپ بارغان. قايتىش سەپىرىدە، 1488-يىلى ئۈمىت تۇمشۇقىنى تاپقان. كېيىن داگامانىڭ ھىندىستانغا سەپەر قىلىش تەييارلىق خىزمىتىگە قاتنىشىپ، كېمە ياسىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1500-يىلى كابرال باشچىلىقىدىكى كېمە ئەترىتى بىلەن بىللە ھىندىستانغا بېرىپ، ئۈمىت تۇمشۇقى ئەتراپىغا كەلگەندە بورانغا ئۇچراپ قازا تاپقان. <جۇغراپىيىلىك زور بايقاش> قا قاراڭ.