Chinese→UyghurMain Dictionary
顶端优势
ئۆسۈملۈك
dǐng duān yōu shì
چوققا بىخ ئۈستۈنلۈكىDئۇنىۋېرسال
dǐng duān yōu shì
چوققا ئەۋزەللىكى
Dدېھقانچىلىق
dǐng duān yōu shì
چوققا تەرەپ ئۈستۈنلۈكىDباغۋەنچىلىك
dǐng duān yōu shì
چوققا ئۈستۈنلۈكى
بىئولوگىيە
چوققا ئۈستۈنلۈكى
ئۆسۈملۈكتىكى ئاساسىي غولنىڭ چوققىسىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇش ۋە چوققا بىخىنىڭ ئۆز ئاستىدىكى يان بىخلارنىڭ يېتىلىشىنى تورمۇزلاش ھادىسىسى. چوققا ئۈستۈنلۈكىنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبى: بىر جەھەتتىن، چوققا بىخىنىڭ يېتىلىشى تېز بولىدۇ، توشۇغۇچى توقۇلمىلىرى تەرەققىي قىلىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، ئائوكسىن تۈرىدىكىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، مەركەزگە توشۇلۇش ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىك ماددىلار چوققا بىخىغا كۆپ توشۇلۇپ چوققا ئۈستۈنلۈك ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ. چوققا بىخ ئۈزۈۋېتىلسە ياكى بۇزۇۋېتىلسە چوققا ئۈستۈنلۈكى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئاستىدىكى يان بىخ تېز ئۆسۈپ ۋە يېتىلىپ ئاساسىي غولنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، ياكى ئاچىماق شاخ ھاسىل بولۇپ تۈز تىپلىق دەرەخ تاجى شەكىللىنىدۇ. دۇپ دەرىخى، تېرەك، ئازادى دەرىخى قاتارلىق كۆپ ىىل دەرەخلەر كېسىۋېتىلسە كېسىلگەن ئۇچىدىكى يوشۇرۇن بىخلار ئۆسۈپ چىقىپ شاخقا ئايلىنىدۇ. چوققا ئۈستۈنلۈكىنى بۇزۇۋېتىش مېۋە دەرەخلىرىنىڭ شېخىنى رەتلەش، چاي دەرەخلىرىنى يېڭىلاش، يول ياقىسىدىكى دەرەخلەر ۋە يېشىل چىتلاق جەھەتلەردە كەڭ قوللىنىپ، گورىزونتال دەرەخ تاجى ۋە ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان شاخ ۋە يوپۇرماق سىستېمىسى ياسىلىدۇ. كېۋەزنىڭ چوققا بىخى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۈزۈۋېتىلسە يۇقىرىقى قىسىمدىكى مېۋە شاخلىرىنىڭ غۇنچىلىشىنىڭ كۆپىيىشىمۇ چوققا بىخ ئۈستۈنلۈكىنى ساقىت قىلىشنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.