Chinese→UyghurMain Dictionary
帝国宪法
دۇنيا تارىخى
ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى
گېرمانىيە فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى تۈزگەن، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن گېرمانىيە ئاساسىي قانۇنى. 1849 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھ باشچىلىقىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇش؛ ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئىتتىپاق پالاتاسى ۋە خەلق پالاتاسىدىن تەركىب تېپىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ قانۇن، پۇل تۈزۈمى، تاموژنا بېجى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى ۋە سودىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولۇش، ئەمما ئەسلىدىكى مۇستەقىل ئاپپاراتلىرى ۋە كەڭ دائىرىدىكى ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دەرىجە ئىمتىيازى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، سۆزلەش نەشرىيات، ئېتىقاد، يىغىلىش ۋە جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكىگە، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مال - مۈلۈكنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى قاتارلىق دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئاساسىي قانۇندا پادىشاھلىق تۈزۈم ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئېغىر مۇرەسسە ۋە كونسېرۋاتىپ خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، ئەمما ئۇ گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم تۈرتكىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە باشقا ھەرقايسى شتات خانلىرىنىڭ قارشى چىقىشى تۈپەيلىدىن كۈچكە ئىگە بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن 1849 - يىلى 5 - ئايدىكى گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتات خەلقنىڭ ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.