UyghurMain Dictionary
دېھلى سۇلتانلىقى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەش ئىسلام خاندانلىقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. دېھلى پايتەخت قىلىنغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قۇل خاندانلىقى (1206 - 1290) دىن باشلىنىپ، كېيىن كالجى خاندانلىقى (1290 - 1321)، تۇغلۇق خاندانلىقى (1321 - 1414)، سەييىد خاندانلىقى (1414 - 1451) ۋە لودى خاندانلىقى (1145 - 1526) نى باشتىن كەچۈرگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كالجى خاندانلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارقىلىق زېمىنىنى غەربتە ھىندى دەرياسى ۋادىسىغىچە، شەرقتە بېنگالغىچە، شىمالدا ھىمالايا تېغىغىچە، جەنۇبتا كوفىرى دەرياسى ۋادىسىغىچە يەتكۈزگەن، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. كېيىن بار - بارا زەئىپلەشكەن. 1398-يىلى تېمۇر بىر مەھەل دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، سۇلتانلىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ گۇمران بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. لودى خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، دېھلى سۇلتانلىرى يەرلىكتىكى بەگلەرگە ئوخشاش بولغان، شىمالىي ھىندىستان بېنگال، مارۋا، گۇجرات، كەشمىر قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1526-يىلى تېمۇرنىڭ ئەۋلادى بابىر موغۇل ئارمىيىسىنى باشلاپ دېھلىنى بېسىۋالغان. دېھلى سۇلتانلىقى مۇنقەرز بولغان.