UyghurMain Dictionary
دەتتىكام
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىم. قىمارۋاز تۆت ئوشۇقنى يەرگە ئاتقان چاغدا، مەيدىسىگە ياكى پاچىقىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان سۆز.
سىدىق ئاخىرى ھېلىقى ئاق تۇماققا بۇرۇلۇپ: - قاراپ تۇر، ئوشۇقنى مانا مۇنداق ئاتىدۇ. دەتتىكام، ياپىرىم جەمشىت، - دەپ ئوشۇقىنى ئېتىپتۇ.
ئىم. قىمارۋازلارنىڭ دو چىققانلارغا نىسبەتەن دوغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزى.
ئى. كۆچمە. قىمار.
ئوقەت قىلىشنى ئازغۇنلۇق دېدى. ھەممىنى تىكتى <دەتتىكام> غىلا؛ باشقا كىيدى پۈتۈن مەھەللىنى ھېچبىر يەرنى قويمىدى ئالا.
ئى. كۆچمە. تەۋەككۇل.
پەرىزات ئويلىنىپ دېدى: تىرىكچىلىك دېگەنگە ئازراق دەتتىكام قىلماي بولامدۇ؟