UyghurMain Dictionary
دەسسىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۈستىگە ئايىغىنى قويۇپ تۇرماق، پۇتى بىلەن باسماق.
ئەسكەرلەر قىرغاققا دەسسىدى.
ئاياغ ئاستىغا بېسىپ ئەزمەك، يانجىماق.
ئېرى ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، گۈلئايشەمنىڭ قولىغا قاتتىق دەسسىدى.
قەدەم ئالماق، ماڭماق.
كەتكىن، ئىشىڭ بولمىسا بۇ يەرگە دەسسىمە.
كۆچمە. ئوينىماق، چۈشمەك (ئۇسسۇل، ساما قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئىككى ياش يىگىت بىر - بىرىگە شۇنداق يېقىملىق بېقىشىپ <تاڭ سەيلىسى> گگ دەسسەۋاتاتتى.
كۆچمە. ئىگىلىمەك، ئالماق، باسماق.
ئۇزۇن ئۆتمەي مەن باشقا بۆلۈمگە يۆتكىلىپ، ئورنۇمغا ئاقىل دەسسىدى.