UyghurMain Dictionary
دەرس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دەرس، ساۋاق:
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ بۆلەكلىرى.
دەرسلىك، دەرس ۋاقتى، دەرس تېكىستى. دەرس تەكرارلىمىساڭ، دەرد بولىدۇ. ھاياتنى ئۆتكۈزسە ئۆگىنىپ ساۋاق، ئۇستىمۇ، شاگىرتمۇ خۇشال ھەممە ۋاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەكتەپلەردىكى ئىلىم - پەن ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات، پائالىيەت.
ھەممە ئۇقۇغۇچى دەرسكە تولۇق قاتناشتى.
كۆچمە. مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پەن.
بىرىنچى سائەتتىكى دەرسىمىز ئالگېبرا، لېكىن دەرس ئوقۇتقۇچىسى كېسەل.
ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنىڭ بىر بۆلىكى.
<ئەرەب تىلىدىن ئاساس> نىڭ بىرىنچى قىسمى 25 دەرستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1 - 6 - دەرسكىچە نۇقتىلىق فونېتىكىلىق بىلىملەر تونۇشتۇرۇلغان.
كۆچمە. تەجرىبىلەر، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن يەكۈنلەنگەن نەتىجە، ساۋاق، ئىبرەت.
يۇقىرىقى ئېيتىلغان گەپلەر ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق ئەمەلىي دەرس بولدى.