UyghurMain Dictionary
دەريا دېلتىسى
يەر يۈزى قىياپىتى
چوڭ دەريالارنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان دەريا دېلتىسى گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ تارىخىي ئىسپاتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى ئەڭ بالدۇر گۈللەنگەن رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، دەريا دېلتىسى يەنە «ئالتۇن دېلتا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دەريا دېلتىسى يەنە دەريا ئېغىزى تۈزلەڭلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دەريالار يۇقىرى ئېقىمدىن ئېقىتىپ كەلگەن كۆپ مىقداردىكى لاي - قۇملارنىڭ دەريا ئېغىزىدا تىنمىلىنىپ دۆۋىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن. تەكشى يۈزدىن قارىغاندا، شەكلى خۇددى ئۈچبۇلۇڭغا ئوخشايدۇ، ئۈستى قىسمى يۇقىرى ئېقىمغا يۈزلەنگەن، پەس تەرەپلىرى باشقا چەت گىرۋەكلەرنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا دېلتا دەپ ئاتىلىدۇ. دەريا دېلتىسىنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، توپا قەۋىتى قېلىن، سۇ تورلىرى زىچ، يەر يۈزى تەكشى، تۇپرىقى مۇنبەت كېلىدۇ. ئۇ تاغ ئېتىكىنىڭ ئەتراپىدىكى يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىكلەر بىلەن ئوخشاشمايدۇ. يەلپۈگۈچسىمان تىنما تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك، توپا قەۋىتى بىرقەدەر نېپىز كېلىدۇ، يېرى قۇم - شېغىللىق، تۇپراق سۈپىتى دەريا دېلتىسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
دۇنيادىكى داڭلىق دەريا دېلتىسىدىن نىل دەرياسى دېلتىسى، مىسسىسىپى دەرياسى دېلتىسى، دۇناي دەرياسى دېلتىسى، مېكۇڭ دەرياسى دېلتىسى، گانگ دەرياسى دېلتىسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى قاتارلىقلار بار. ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىمىدىكى كۆپ مىقداردىكى لاي - قۇملارنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن. دەريا دېلتىسىنىڭ چوققا نۇقتىسى جېنجياڭ دەرياسى ئەتراپىدا بولۇپ، پەس تەرىپى شەرققە قاراپ تەدرىجىي كېڭىيىپ تاكى دېڭىز قىرغىقىغىچە سوزۇلىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن20 −30 مىليون يىللار ئىلگىرى چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىزى رايونى يەنىلا بىر دېلتا شەكلىدىكى قولتۇق ئىدى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جېنجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋىنىدىكى دەريا ئېغىزى خۇددى بىر شەرققە قارىغان چوڭ كانايغا ئوخشايتتى. سۇ يۈزى كەڭ بولۇپ، تاشقىن ھادىسىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولاتتى. چاڭجياڭ دەرياسى ھەر يىلى ئېلىپ كېلىدىغان400 −500 مىليون توننا لاي - لاتقا دېڭىزغا قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى ئېقىم سۈرئىتى كىچىكلەپ، فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپ مىقداردىكى لاي - لاتقىلار دەريا ئېغىزى رايونىدا تەدرىجىي چۆكۈپ، ئەڭ ئاخىردا ئۇچلۇق شەكىلدىكى دەريا دېلتىسى شەكىللەنگەن.
دەريا دېلتىسىنىڭ شەكىل - ھالىتى مۇرەككەپ ۋە خىلمۇخىل بولىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىغا ئوخشاش بۇنداق ئۇچلۇق شەكىلدىكى دەريا دېلتىسىدىن باشقا يەنە يەلپۈگۈچسىمان ۋە قۇش پۇتى شەكلىدىكى دەريا دېلتىسى بار. مەسىلەن، مىسىردىكى نىل دەرياسىنىڭ ئاسۋاندىن ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا دەريا ئېقىمىنىڭ چۈشۈش پەرقى ناھايىتى كىچىك، سۇ ئېقىمى تۇراقلىق بولىدۇ. دەريا دېلتىسى دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدا يەلپۈگۈچسىمان ھالەتتە يېيىلغان بولۇپ، كۆلىمى24000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئا ق ش دىكى مىسسىسىپى دەرياسى دېلتىسىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى300 كىلومېتىر كېلىدۇ، جەنۇبىي ئۇچى تەكشىلىكتە قۇش پەنجىسى شەكلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىدا بىر دەريا بار. ھەرقايسى تارماق ئېقىملارنىڭ ئەتراپىدا ھەر يىلى كۆپ مىقداردىكى ئېقىن چۆكۈندىلىرى تىنىپ قالىدۇ، شۇڭا، دەريا دېلتىسىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. نۆۋەتتە ئۇ يەنىلا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن75 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن مېكسىكا قولتۇقىغا قاراپ ئۇزارماقتا.
دەريا دېلتىسى رايونى ياخشى بولغان تېرىقچىلىق رايونى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ شەكىللىنىشىگە ناھايىتى پايدىلىق، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق نېفىتلىكلەرنىڭ ھەممىسى دەريا دېلتىسى رايونىغا جايلاشقان.