UyghurMain Dictionary
دەرەڭگە
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
كالىنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بوينىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان كالتەك.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئۈژمە قاقىدىغان خادا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كالتەك، تاياق، توقماق.
كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قورقماپتۇ، ئەرگە تەگكەن دەرەڭگىدىن قورقماپتۇ (ماقال).
كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېز يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىزىغا تېگىپ تۇرغۇدەك قىلىپ، بوينىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان كالتەك.
قولغا ئۆگىتىلىدىغان قۇشلارنىڭ ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باشۋېغىغا چىگىپ قويىدىغان ھەم قونداقلىق رولىنى ئوينايدىغان كىچىكرەك كالتەك.