UyghurMain Dictionary
دەردلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دەردى بار، دەرد - ئەلەم چەككەن.
مېھرىبانىم ئانا! غەم - قايغۇلار ئىچىدە قالغان دەردلىك ئوغلۇڭ روزىدىن سالام.
دەرد - ئەلەمنى ئىپادىلەيدىغان، مۇڭلۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دەردلىك كۆز يېشىنى يات ئادەملەر تۇرماق، يۈرەك - باغرىنى يېرىپ چىققان ئارزۇلۇق قىزى زەينەپتىنمۇيوشۇراتتى.
ئاھ دەپ ئويغىنىپ كەتتىم، دەردلىك تولغىنىپ كەتتىم. باغۋەن قىز، قاچان دەيمەن مۇرادىمغا مەن يەتتىم؟
دەرد - ئەلەم چېكىپ، دەردكە تولۇپ ئۆتكەن.
نەزەر سېلىپ ئۇزاققا ھېكايەمنى باشلىدىم. ئەسكە چۈشۈپ دەردلىك كۈن، كۆزلىرىم ياشلىدىم.