UyghurMain Dictionary
دەقىقە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت بىرلىكى: 60 سېكۇنت.
مېنىڭ ھازىرقى بىر مىنۇتۇم ئۆتكەندە سانسىز مىنۇتلار تىرىشىش ئارقىسىدا قولغا كەلگەن. دۇنيادا ھازىرقىدىن ئوبدان مىنۇت يوق. تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدە يۈكسەك مەقسەت بولۇشى كېرەك.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ۋاقىت ھېسابىدا سېكىنۇتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى.
قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا سائەتتىن كىچىك ۋاقىت بىرلىكى دەقىقە بولغان. بىر كېچە - كۈندۈز 1440 دەقىقىگە بۆلۈنگەن. دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا <بابۇرنامە> دە <سۈرە فاتىھەنى بىسمىللا بىلەن قوشۇپ ئالتە قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ> دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى، مىنۇت.
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، شەمشىنۇر توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ.
كۆچمە. قىسقىغىنە ۋاقىت، پەيت.
مۇشۇ قىسقىغىنە دەقىقە ئىچىدە، نېمىشقىدۇر، قەلبىمنىڭ تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان يۈكسەك بىر تۇيغۇنى يوشۇرالمىدىم.