UyghurMain Dictionary
دەپ قويماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر خۇپىيانە گەپ ياكى ئىشنى ئاشكارىلىماق، ئېيتىپ قويماق.
ئابلىز تۈنۈگۈن ھاراق ئىچكەنلىكىڭنى ئاتاڭغا دەپ قويدى.
بىرەر گەپنى بىر كىمگە ئېيتىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلماق.
قاسىم كېتەر ۋاقتىدا ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىمىزغا دەپ قويۇشنى ئۆتۈندى.
ئېيتىپ قويماق، خەۋەرلەندۈرمەك، ۋاقىپلاندۇرماق.
سەن خاتىرجەم كېتىۋەرگىن، مەن كەچقۇرۇن بېرىپ ئۆيۈڭدىكىلەرگە دەپ قويىمەن.
راستىنى ئېيتماي، قارشى تەرەپنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، باشقىچىرەك بىر گەپ قىلماق.
گۈلنار نېمە ئۈچۈندۇر سىلەرنى كۆرگۈم كېلىپ تۇرالماي كەلدىم ، - دەپ قويدى.