UyghurMain Dictionary
دەندانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چىش، كۆرۈك چىش:
قەلئە، قەسىر، كېمىنىڭ يۇقىرى قىسىمىدىكى بوشلۇق، ئاراج، كۈنگۈرە:
1. ئەجەل دەندانەسىن يەر باشقە ئاخىر،
كىشى جەمشىددەك گەر بولسە سەرۋەر،
ئەرشى.
2. قەسرى ئول ھۇسن شەھنىڭ ئېرۇر ئانداق ئالىي،
كى فەلەك كۈنگۈرەسى دەندانە ئېمىش.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كالىنىڭ قوۋۇرغىسى.