UyghurMain Dictionary
دەمساز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھەدەم، ھەمدەرد، ئۈلپەت، دوست، ھەمسۆھبەت، سىرداش:
چەكسەم ئول رەشكى پەرى ھەجرىدە تۈرلۈك نالەلەر،
قاندىن ئەتكەي بۇلبۇلى بىخانمان دەمسازلىق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇلپەت، ھەمدەم، جانىجان، دوست، قەدىردان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. ھەمدەم، ئۈلپەت، ھەمسۆھبەت.
كىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە نەچچە كۈن بولۇر ھەمراھ، بولمىڭىز ئاڭا دەمساز، بىۋاپا ئۇيالغان قىز.