UyghurMain Dictionary
دەم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئىشىك، دەرۋازىلارغا ئىچ تەرەپتىن سېلىپ قويىدىغان تاقاق.
ئىشىك دەم بىلەن، ئىش پەم بىلەن ( ماقال ).* ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. نەپەس، تىنىق.
دەم سىقىلماق.* دېمى كېسىلمەك، ئۇنىڭ دەم ئېلىشى قىيىنلىشىپ قاپتۇ.
2. تاۋۇش، ئۈن، زۇۋان. دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك.* دەم چىقارماي ئولتۇرماق.
3. داخان، باخشىلار كېسەلنى قوغلاپ « چىقارماق » ئۈچۈن ئايەت ئوقۇپ ئېيتقان « كۈف، سۈف » . دەم سۈيى.* دەم سالماق.
4. بۇس ياكى ھارارەتتە پىشقان، تەم كىرگەن ھالەت. پولۇ دەم يەپتۇ.
5. تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى، كۆيەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تىنم، ھاردۇق، ئىستىراھەت، ئارام ئالماق.
دەم ئالماق.* دەم ئېلىش كۈنى.* دەم ئېلىش ئۆيى.* دورا ئىچكەندىن ساپ ھاۋادا دەم ئالغان ئارتۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز
قىسقىغىنا ۋاقىت، « بىر »، « ھەر » لەر بىلەن كېلىدۇ.
بىر دەم ساقلىماق.
ياخشى نامى چىققان بولسا،
ئادەملەر ئۈزۈلمەس ئۆيىدىن بىردەم.
ئەقىلگە بىلىم بىلەن بەرگىن ياردەم،
ئەقىل بۇ بىلىمگە خېرىدار ھەر دەم.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نەپەس، ھايات، ئۆمۈر:
پەيت، پۇرسەت، ۋاقىت، كۆز يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىق:
ئەھۋال، ھالەت، تۇرمۇش:
كېچەۋۇ كۈندۈز تىلەر يىغلاپ قەلەندەر تەڭرىدىن،
قىلماغىل ئاخىر دەمىدە ئانى ئىماندىن جۇدا.
قەلەندەر.
2. بىر دەمى ۋەسلى خەيالىدىن كۆڭۈل فارىغ ئەمەس،
سۇھبەتىم ئەھلى جەھان بىرلە ئېرۇر مەھزى مەئاش.
ئەرشى.
3. ئىشىق ئىسىدىن ئەت دەمىنى مۇشكىن،
ئىشىق ئوتىدىن ئەت يۈزۈمنى رەڭگىن.
نەۋايى.
10. بىئەدەبىكى تەئنە ئىلە قىلسا ئەگەر سۆزۈمگە رەد،
تىغى زەبان ئاڭا كۆرۈڭ چۇن دەمى زۇلفىقار ئۆتەر.
زەلىلى.
ئاۋاز، ئۈن، سادا.
كۆيۈك، غەم، ئەندىشە.
ئىلھام. 7. شامال، يەل شامالنىڭ ئىسسىق ھارارىتى. 8. تۆمۈرچىلەرنىڭ كۆرىكى. 9.قىزىل رەڭلىك مەي. 10. بىس. شەمشەرنىڭ بىسى:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تىنىق، نەپەس، چاغ، ۋاقىت، لەھزە: دەم ئاچماق - ئېغىز ئاچماق، گەپ قىلماق؛ دەم تاپماق - راھەت تاپماق، جانلانماق؛ دەم ئۇرماق - نەپەس چىقارماق، گەپ قىلماق؛ دەم يولى - نەپەس يولى، كېكىرتەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىك، دارۋازىلارنى ئىچىدىن ئېتىپ قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم. تىركەك كېرەك، تىرتەك لازىم ئەمەس. تاقاقنى تاقا، خاتىرجەم ئۇخلا. غول ساڭا ئوڭ قول. ئىشىكنى ئاچار، ئارقىغا قاچار، ئۇ نېمە؟ (غورۇ، كىلتاڭ)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھارغىنلىقتىن كېيىن، ئىش - ھەرىكەتنى توختىتىپ، ھاردۇقنى چىقارماق. «ئالماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
دەم ئېلىشنى بىلمىگەن خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئارام ئېلىش تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈندۇر. ھاردۇق ئالماق كۈچ يىغماقتۇر.
شىۋىلەر
ئىشىكنىڭ ئىچىدىن تىرەپ قويىدىغان تىرىگۈچ. مەسىلەن: ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم ( ماقال ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىشىكنى تىرەپ قويىدىغان ياغاچ.
ساڭا قاراپ مەن، ئىشككە قاراپ دەم (ماقال).
ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. نەپەس، تىنىق.
دېمى كېسىلمەك.
ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى، دادىسى كۆرۈنمەيتتى.
ئى. ئارام، ھاردۇق.
دەم ئالماق.
بۇلارنىڭ ئاتلىرى دەمگە موھتاج، ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنىڭ قارنىمۇ ئاچ.
ئى. بۇس، ھور.
سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرەچ دەم يەپتۇ (ماقال).
ئى. چاغ، ۋاقىت، پەيت.
ئۇ مۇھەببەتنىڭ خۇشاللىق پەيتلىرىمۇ، قايغۇلۇق دەملىرىمۇ بولىدۇ، دېگەن چۈشەنچىلەرگە قوشۇلالمايتتى.
ئى. نان، سۇ قاتارلىق بىرەر نەرسىگە دۇئا، ئايەتلەرنى ئوقۇپ سۈپكۈچ قىلىش؛ دەمىدە.
دەم سالماق.
رەۋ. تىك، ئۆرە (كىچىكك بالىلار ھەققىدە).
دەم تۇرماق.
باغل. بىردەم، بەزى، گاھى، تۇرۇپ.
ئۇستىلار توقۇلۇپ بولغان گىلەمگە دەم يىراقتىن، دەم يېقىندىن زوق بىلەن تىكىلىپ قارىشاتتى.