Chinese→UyghurMain Dictionary
德鲁苏
دۇنيا تارىخى
درۇسۇ
(1) لىۋى درۇسۇ(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ـ91)يەنى كىچىك درۇسۇ. قەدىمكى رىمدىكى سىياسىيون. ناتىق مالىيە ئەمەلدارى، شەھەر باشقۇرغۇچى بولغان. مىلادىدىن 91 يىل ئىلگىرى ترىبون بولۇپ، ئىتالىيە (كامپانىيە) ۋە سىتسىلىيىدە مۇستەملىكە رايونى قۇرۇپ، تېخى تەقسىم قىلىنمىغان <ئومۇمىي يەر> لەرنى يەردىن ئايرىلغان پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ سىناتا يەنە 300 نەپەر ئاقساقالنى كۆپەيتىپ، رىتسارلارنى تەيىنلەش؛ ئىتالىيىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىغا رىم پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشتىن ئىبارەت قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن لايىھىسى سىنات مەنپەئەتدارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئۆي ئۆيىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن ئىتالىيىلىكەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇىنى قانۇنىي يول بىلەن قلغا كەلتۈرۈش ئۈمىد يوقىلىپ، رىمغا قوراللىق قارشىلىق قىلىپ ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (2) كلائۇدى درۇسۇ (مىلادىدىن ئىلگىرى 38 - 9) قەدىمكى رىمنىڭ گېنېرالى پادىشاھ تىبېرۇنىڭ ئىنىسى. ئانتونى (كېيىنكى <ئۈچ كاتتىباش> نىڭ بىرى) نىڭ قىزى ئانتونىيانى ئالغان. ئاۋگوستنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شىمالدىكى گېرمانلار رايونىغا قوشۇن تارتىپ بېسىپ كىرگەن. مىلادىدىن 15 يىل ئىلگىرى ئاكىسى تىبېرۇ بىلەن بىرلىشىپ رۇيتىيالىقلار ۋە ۋىندېلىسيىلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، چېگرىسىنى دۇنيا دەرياسىغىچە كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى گاللىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. ئۇ سىكامبرىلارنى قوغلاپ چىقارغان، شەرقتە رېين دەرياسىغىچە بارغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا رېين دەرياسىنى دېڭىز بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان <درۇسۇ قانىلى> نى ئاچقان. ئۇ يەنە ئوسىپىتلارنى بويسۇندۇرۇپ، ۋېزېر دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان. مىلادىدىن 9 يىل ئىلگىرىكى كونسۇل بولغان. گېرمانلار ئارىسىدىكى سئېۋىلار، ماېماننىلار، كېروسلارغا قارشى داۋامىلق جەڭ قىلىپ، ئېلبا دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ بارغان. غەلىبە بىلەن قايتقاندا ئاتتىن يىقىلپ ئۆلۈپ كەتكەن. سىنات ئۇنىڭ ھەربىي تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاپ، <گېرمانىكۇ> دەپ نام بەرگەن.