UyghurMain Dictionary
دەللال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خىزمەتچى؛ كېلىشتۈرگۈچى، بىدىك:
ياراتتى ھەر خېرىدارىغە دەللال،
تۆرەتتى جۇملە مۇشكىللەرگە ھەللال.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دالالەت قىلغۇچى، ئۈندىگۈچى، كېلىشتۈرگۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سودا _ سېتىقتا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئارىسىدا ۋاستە بولۇپ كېلىشتۈرگۈچى.
سۆزنىڭ ئۇزۇنى دەللالغا كېرەك. بېدىكنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سودا - سېتىقتا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنى كېلىشتۈرگۈچى، مالغا باھا قويۇپ پۈتۈشتۈرگۈچى.
يېنىمدا پۇل دىدارى قالمىغانىدى. ھېلىقى ئالتۇن ئەسۋابنى ئېلىپ بازارغا باردىم ۋە ئۇنى سېتىش ئۈچۈن دەللالغا بەردىم.
ئۇ مۇنداق قارىماققا شۇ ۋاقىتتىكى گەزمال بازىرىدىكى دەللال بايۋەچچىلەرگە ئوخشاپ كېتەتتى.
سەلب. خوتۇن - قىزلار ۋە ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى ئۇچراشتۇرغۇچى دەللە.
بۇرۇنقى زامانلاردا توي ئىشى پۈتۈنلەي ئاتا - ئانىنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا دەللاللار قاتنايدىكەنمىش.