Chinese→UyghurMain Dictionary
德国劳工阵线
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە ئەمگەكچىلەر سېپى
ناتسىستلار گېرمانىيىسى ئىشچىلارنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە قۇرغان فاشىستىك تەشكىلات. 1933 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گىتلېرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، روبېرت لېي (1890 - 1945) نىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان. ئەمگەكچىلەر سېپى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەسلىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتنىڭ ئورنىنى باسقان. ئۇنىڭغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قاتنىشىشى كېرە، دەپ زورمۇزور بەلگىلەنگەن. 1933 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن كارخانا ئىگىلىرى ئەمگەكچىلەر سېپىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى - پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلارنى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا فاشىستىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ياللانما ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت. 1936 - يىلغا قەدەر ئەزاسى 20 مىليونغا يەتكەن. 1945 - يىل 10 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.