Chinese→UyghurMain Dictionary
德国经济总会
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە ئىقتىسادىي باش ئۇيۇشمىسى
فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەدبىر كۆرۈش ئاپپاراتى. 1933 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان. 12 - مونوپول كاتتىبېشى ۋە بەش ناتسىستتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئىمپېرىيە ئىقتىسادىي مىنستىرلىكىگە قارىغان. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. 1934 - يىلى <گېرمانىيە ئىگىلىكىنىڭ ئورگانىك قۇرۇلمىسى نىزامى> نى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ ئەسلىدىكى كارخانىلىرىنى زورلۇق بىلەن مونوپول كاپىتالغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت مونوپول كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرغان، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىگىلىكى ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە خىزمەت قىلغان.