Chinese→UyghurMain Dictionary
德奥合并
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇشى
1938 - يىلى 3 - ئايدا فاشسىت گېرمانىيەنىڭ ئاۋسترىيەنى يۇتۇۋېلىش ۋەقەسى. <مۇقەددەس گېرمانلار سۈلھ شەرتنامىسى> دا گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇشى مەنئىي قىلىنغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن <بۈيۈك گېرمانىيە> نىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى يولغا قويغان. 1934 - يىلى 7 - ئايدا گىتلېر ئاۋسترىيىدىكى فاشىستلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىپ، ئاۋسترىيە زۇڭلىسى دوللفۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. سىياسىي ئۆزگىرىش ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. 1938 - يىلى 2 - ۋە 3 - ئايلاردا گىتلېر ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، ئاۋسترىيىنى ناتسىستپەرەس ھاكىمىيەت قۇرۇشقا مەجبورلىغان. 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گېرمانىيە ئاۋسترىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇش <ھۈججىتى> گە ئىمزا قويۇشقا مەجبورلاپ، ئاۋسترىيىنى گېرمانىيەنىڭ بىر <ئۆلكىسى> دەپ جاكارلىغان. ئاۋسترىيە شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان.