UyghurMain Dictionary
دائىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دائىم، ھەمىشە، ھەممە ۋاقىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە ۋاقىت.
دائىم پەخەس بول، ھەر ۋاقىت بوشاشما. دىلىڭ ھېچ بولمىسۇن غەمكىن، غەش، خىرە، گۇناھتىن پاك تۇرسۇن ھەمىشە.ياتقان نەرسە ئورنىدا، ھەر قاچان ئۆز قولۇڭدا. قول ھەر ۋاقىت گۇناھكار. بىلىمنىڭ ئاسمانغا يەتكەن بولسا ھەم، باشقىلار ئىلمىگە قۇلاق سال ھەردەم. پاتقاقتىن خارراقتۇر جاھاندا نادن، بىرەر ياخشىلىقتىن خالىيدۇر ھامان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممە ۋاقىت، ئۇزاق ۋاقىت.
ئاندا - ساندا، بىرە - بىرە
قىسقىغىنا ۋاقىت.
ئالدامچىلىق بەزىدە غەلىبە قىلىپمۇ قالىدۇ، لېكى ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى ھالاك قىلىپ بارىدۇ. ئەگەر كىمنىڭ سۆزى بولسا دائىم يالغان، ئەقىل دەر: <يۈزىدە يوق نۇردىن نىشان>. دىلىڭ ھېچ بولمىسۇن غەمكىن، غەش، خىرە؛ گۇناھتىن ۋۇجۇدۇڭ پاك تۇرسۇن ھەمىشە. ئاندا - ساندا ئاتسىمۇ دەل ئاتىدۇ. دائىم يېگەن ئاچ، بىرە - بىرە يېگەن توق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
ھەمىشە، ھەرچاغ، ھەممە ۋاقىت، ھەرقانداق ۋاقىت.
كىشىلەر دائىم يىلنىڭ ئىشى باھاردىن، كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن دەيدۇ.