Chinese→UyghurMain Dictionary
大西洋宪章
دۇنيا تارىخى
ئاتلانتىك ئوكيان خارتىيىسى
يەنى «روزۋېلت، چېرچېل بىرلەشمە خىتابنامىسى». سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت بىلەن ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى چېرچېل 1941-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ نېۋفۇندلاند دېڭىز يۈزىدە ئامېرىكىنىڭ «ئاۋگۇست» ناملىق پارخوتىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان. تولۇق تېكست سەككىز ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: زېمىن ۋە باشقا جەھەتلەردە كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى قوغلاشماسلىق؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ شەكلىنى ئەركىن تاللىۋېلىش ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىش؛ بارلىق دۆلەتلەرنى دۇنياۋى سودا ۋە خام ئەشيا جەھەتتىكى تەڭ مۇئامىلىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش يولىدا تىرىشىش؛ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا تىنچلىق ۋەبىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئوچۇق دېڭىزدا ئەركىن قاتناش؛ قورال كۈچىنى ئىشقا سېلىشتىن ۋاز كېچىش ۋە باشقىلار، خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى دۇنيا بويىچە فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق، شۇنداقلا كېيىنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ ئاساس سېلىنغان.
قانۇن
dà xī yáng xiàn zhāng
ئاتلانتىك ئوكيان نىزامنامىسىDئۇنىۋېرسال
dà xī yáng xiàn zhāng
ئاتلانتىك خارتىيىسى