UyghurMain Dictionary
داۋېس پىلانى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غالىب دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنىڭ تۆلەم پۇلىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىلان. 1923 - يىلى 12 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى بانكىر داۋېس باشچىلىقىدىكى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى (فرانسىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا بەش دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان) گېرمانىيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېىرپ، ئۇنىڭ تۆلەم مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان. 1924 - يىلى 4 - ئايدا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىپ چىققان، بۇ دوكلات تارىختا <داۋېس پىلانى> دەپ ئاتالغان. بۇ پىلاندا گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۆلەم پۇلىنى تۆلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: گېرمانىيە بانكىسىنى ئانتانتانىڭ نازارىتى ئاستدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، گېرمانىيە پۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ تۆلەم پۇلىنىڭ ئومۇمىي سانى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېكىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، گېرمانىيىنىڭ ھەر يىلى تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتپ، بىرىنچى يىلى بىر مىليارد ئالتۇن مارك تۆلەش، يىلمۇيىل ئاشۇرۇپ، بەشىنچى يىلىغا بارغاندا ئۇنى 2.5 مىليارد ئالتۇن ماركقا يەتكۈزۈش؛ چېگرا بېجى، ۋاسىتىلىك باج، تۆمۈريول كىرىمى ۋە سانائەت بېجىنى تۆلەم پۇلىنى تۆلەشنىڭ ئەمەلىي كاپالىتى قىلىش؛ گېرمانىيىنىڭ پۇل تۈزۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئانتانتا ئالدى بىلەن گىرمانىيىگە 800 مىليون ئالتۇن مارك(200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قەرز بېرىش، ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، پىلاننى ھەر ئىككى تەرەپ قۇبۇل قىلغان. ئەمما كېيىن گىرمانىيە مالىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىشقا ماجالى يوقلۇقىنى ئېيتقاندا،بۇ پىلاننىڭ ئورنىنى<يانگى پىلانى>ئالغان.