UyghurMain Dictionary
داۋا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
شىپا، ئەم.
داۋالىماق داۋا بولماق، داۋا تاپماق.* دەردىڭگە داۋا، رەنجىڭگە شىپا.* مۇنچا تەنگە داۋا، ئىللىق سۆز جانغا ( ماقال ). كەم تاماقلىق ھەممە دەردكە داۋادۇر، ئەسلىسى دەردكە پەرھىزدىن شىپادۇر.* ساپ ھاۋا _ تەنگە داۋا ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
دەككە، سوققا، دەشنەم.
داۋىغور.* داۋىسىنى بەرمەك.* داۋىسىنى يېمەك.* دۋىخورغا داۋىسىنى بەرمەك _ داۋا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا قىلىنىدىغان ۋاستە، كېسەلنى ساقيتىدىغان نەرسە.
ئۆلۈمدىن باشقىغا داۋا بار. دەردكە داۋا، رەنجىگە شىپا. ئاغرىقنى ئۆزۈڭ ياپساڭ، شىپاسىنى نەدىن ئالارسەن؟ دەردكە دەرمان بول. ئىلاجى يوق كېسەل يوق. ئەمگەك كېسەلگە ئەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نالايىق ئىش _ ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان قاتتىق ۋە ئاچچىق سۆز، تەنبىھ.
دەردمەنگە دەككە بەرمە. دەشنام يېگىنىم _ بەش نان يېگىنىم. بىرىنچى زەربە ئۇرۇشنىڭ يېرىمىغا تەڭ. قاتتىق سوققا تەلۋىنى تۈزەيدۇ. داۋىخورنىڭ داۋىسىنى بەر.ھورۇن دوق يەيدۇ، باتۇر ئوق. يۇرتىغا ئىشەنگەن پەشۋا يېمەس. قىلغىنىغا يارىشا تېپىك يېدى.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
گىرىژ، سېرىق ئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشى بىلەن ئۈچەينىڭ بۆرەك خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىشى.
شىۋىلەر
تىل، دەككە. مەسىلەن: ھىلى داۋاڭنى ئىشىتىسەن! داۋىسىنى بەرمەك _ ئەدىۋىنى بەرمەك، دەككىسىنى بەرمەك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
داۋا.
يۇلغۇن چېچىكى. بۇنى بوياقچىلار ئىشلىتىدۇ.
3 - 326
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېگىرىشكە تەييارلانغان يۇڭ پارچىسى. ساۋاب، ھالقىسىمان پىلتە قىلىنىپ، بىلەككە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئېگىرىلىدۇ.
3 - 326
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كېسەلنى ساقايتىش چارىسى، دورا - دەرمەك.
ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگۈچە داۋاسىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
پايدىلىق ۋاسىتە، شىپا.
ساپ ھاۋا - تەنگە داۋا(ماقال).
كۆچمە. ئامال، ئىلاج، چارە.
كۆيۈك داۋاسى. ئىشىق داۋاسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جازا، ئەدەب.
داۋىسىنى بەرمەك. داۋىسىنى يېمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەرلىك ئۇسۇلدا رەخت بوياش ماتېرىيالى قىلىنىدىغان يۇلغۇن چېچىكىنىڭ بىر خىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال گىرىژ، يەنى سېرىق ئەتنىڭ يىرىلىپ كېتىشى بىلەن ئۈچەي خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىپ، تاشاق يوغىناپ كېتىدىغان بىر خىل كېسەل؛ پورداق.
كۆچمە. ھەرىكىتى چەبدەس بولمىغان، يولنى تېز ماڭالمايدىغان كىشى، سۆرەلمە، قاشاڭ.