UyghurMain Dictionary
داستانلار
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/909
بۇ ئەسەر داستانلار توپلىمى بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 21 × 16 سانتىمېتىر، 222 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ داستانلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم يىرىك داستانلاردىن تۈزۈلگەن بۇ توپلامغا نىمشېھىتنىڭ <مىڭ ئۆي ۋە ھەرھاد - شېرىن> داستانىدىن پارچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <مۇھەببەت ھەم نەپرەت>، ئەلقەم ئەختەمنىڭ <سائادەتخان>، <ئالۋاستى>، ئابلىز نازىرىنىڭ <شانلىق قۇربان>، تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ <ئىگىلىك سۇ>، <تەۋەرۇك>، ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ <سېغىزخان ھەققىدە چۆچەك>، مۇھەممەت رەھىمنىڭ <ئانا>، رەخىم قاسىمنىڭ <چولپان>، مۇھەممەتجان سادىقنىڭ <چىن مۇھەببەت>، ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ <ئايخان>، قۇربان باراتنىڭ <قىزىلگۈل>، بۇغدا ئابدۇللانىڭ <چوغلۇق باللادىسى>، مۇھەممەت شاۋۇدۇن، سادىن سادىرىلارنىڭ <ئالىم بىلەن ئايىم>، ئارسلاننىڭ <يۇلتۇزلار يۇرتى>، سەمەت دۇگايلىنىڭ <مېيخۇا بىلەن لەيلىگۈل>، تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ <بۇلبۇل> داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن.