Uyghur←ChineseMain Dictionary
دارۋىن تەلىماتى
Domain: تېببىي达尔文学说
dá ěr wén xué shuō
Domain: بىئولوگىيە达尔文学说
dáěrwénxuéshuō
دارۋىن تەشەببۇس قىلغان جانلىقلارنىڭ ئېۋولۇتسىيە تەلىماتى. ئۇنىڭدا جانلىقلار ئېۋۇلۇتسىيىسىنىڭ يېتەكچى ئامىلى تەبىئىي تاللىنىش بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەتچانلىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى ۋە ھاياتلىق ئۈچۈن رىقابەتلىشىش تەبىئىي تاللىنىشنىڭ ئاساسىدۇر. جانلىقلاردا ئىرسىيەتچانلىق ۋە ئۆزگىرىشچانلىق بولىدۇ، بەلگىلىك تەبىئىي شارائىتنىڭ تەسىرىدە جانلىقلاردا ھەر دائىم ئىنتايىن كىچىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاياتلىق ئۈچۈن پايدىلىق، بەزىلىرى پايدىسىز بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى تەبىئىي شارائىتقا نىسبەتەن ماسلىشالىغان ئۆزگەرگەن ئىندىۋىد ھاياتلىق رىقابىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە پايدىلىق ئۆزگىرىشلىرى تەدرىجىي توپلىنىدۇ. ماسلىشالمىغان ئىندىۋىدلار شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېڭى تۈرلەر شەكىللىنىدۇ ۋە جانلىقلار دۇنياسى ئۈزلۈكسىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. دارۋىن تەلىماتى جانلىقلارنىڭ ئىۋۇلۇتسىيىلىك تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى ئىلمىي يۇسۇندا شەرھلەپ، دۇنيانى ئىلاھ ياراتقان ۋە تۈرلەر ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن نۇقتىئىنەزەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور تۈرتكىلىك رول ئويندى. ماركىس ۋە ئېنگېلىس، دارۋىن تەلىماتىغا قارىتا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. ئېنگېلس دارۋىن تەلىماتى تەبىئىي پەنلەرنىڭ ⅩⅪ ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ كەشپىيات (ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنى، ھۈجەيرە تەلىماتى، دارۋىن ئېۋۇلۇتسىيە تەلىماتى) نىڭ بىرى - دەپ قارىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.