Chinese→UyghurMain Dictionary
大日本帝国宪法
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك ياپون ئىمپېريىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى
ئادەتتە <مېيجى ئاساسىي قانۇنى> دەپ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى تۈپ قانۇنى. بۇ قانۇن 1889-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى يولغا قۇيۇلغان. يەتتە باب 76 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاساسىي مەزمونى مۇنداق:(1)ياپونىيە ئىمپىرىيىسىگە <تېننو ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ>، <تېننو دۆلەت باشلىقى بولىدۇ، ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىنى بىر تۇتاش تۇتىدۇ>. (2)ئىمپېرىيە پارلامېنتىدا ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى خان جەمەتىدىكىلەر، ئېسىلزادىلەر ۋە سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاۋام پالاتاسى جامائەت سايلاپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. (3)ئىچكى كابىنىت تېننو تەيىنلىگەن ئومۇمىي ئىشلار ۋەزىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇ پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولماستىن، بەلكى تېننو ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. (4)ئەدلىيە ھوقۇقى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى تەرىپىدىن تېننو نامى بىلەن يۈرگۈزۈلىدۇ، ھۆكۈمدارلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئېلان قىلىنماي ياكى جازا چارىسى كۆرۈلمەي تۇرۇپ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا بولمايدۇ. (5)خەلق قانۇن يولغا قۇيۇش دائىرىدە سۆز قىلىش، مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىككە ئىگە. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تېننو مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە. كىشىلىك ھوقۇققا قوشۇمچە چەك قويولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1947-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىكار قىلىنغان.