Chinese→UyghurMain Dictionary
道德
پسىخولوگىيە
ئەخلاق
كىشىلەرنىڭ ھەر بىر جەمئىيەتكە خاس ھەرىكەت نورمىلىرىنىڭ يىغىندىسى. ئۇ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك، خالىسلىق بىلەن يان بېسىش، سەمىمىيلىك بىلەن ساختىلىق قاتارلىق ئەخلاقىي ئۇقۇملار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىگە باھا بېرىدۇ ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدۇ. تۈرلۈك شەكىلدىكى تەربىيىلەر ۋە جامائەت پىكرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كىشىلەردە مەلۇم بىر ئىشەنچ، ئادەت ۋە ئەنئەنىلەر شەكىللىنىدۇ ھەم ئۇلار رول ئوينايدۇ. ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى بەلگىلەيدۇ، ئۇمۇ ئەنە شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان، ھەممە دەۋرگە، بارلىق سىنىپلارغا باب كېلىدىغان ئەخلاق يوق. ھەر قانداق ئەخلاق تارىخىيلىققا، سىنىپىي جەمئىيەتتە كۈچلۈك سىنىپىيلىققا ئىگە، بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىياتنىڭ ئەخلاقى تۈپتىن قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئەخلاق بولۇپ، بۇرژۇئازىيە ئەخلاقىنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى شەخسىيەتچىلىك. ئۇ ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدۇ. پرولېتارىيات ئەخلاقى كوممۇنىستىك ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى كوللېكتىۋىزم ۋە بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىدىن ئىبارەت. پرولېتارىيات ئەخلاقى پرولېتارىيات بىلەن ئەمگەكچى خەلق مەنپەئىتىنىڭ ئىنكاسى، پرولېتارىيات خەلق ئھممىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم روھىي پىشاڭ، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئالىيجاناب ئەخلاقتۇر.
دىن
dào dé
伊
ئىسلام دىنى
ئەدەب، ئەخلاق، پەزىلەت
Domain: ئۇنىۋېرسالdào dé
ئەخلاق
Dمائارىپ
dào dé
ئەخلاقDقانۇن
dào dé
ئەخلاقDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dào dé
دودنۇرDئىستېتىكا
dào dé
ئەخلاق
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىdào dé
دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەر
ئەخلاق، پەزىلەت
ئەخلاق
(1) ئىككى مۇشتۇمىنى تۈگىدۇ ۋە كۆكرەك ئالدىدا نۆۋەت بىلەن ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (2) بىر مۇشتۇمىنى تۈگىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.