Chinese→UyghurMain Dictionary
稻
ئۆسۈملۈك
dào
شالDئۇنىۋېرسال
dào
شال
دااۋ )قەدىمكى يەر نامى(
داۋ )فامىلە(
بىئولوگىيە
شال
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، غولى تىك ئۆسىدۇ، ئوتتۇرىسى كاۋاك، بوغۇملۇق بولىدۇ. تۈپلىنىدۇ. يوپۇرمىقى يىپسىمان، پوپۇرماق غىلىپىدا تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى شالاڭ بولىدۇ؛ كىچىك باشىقىنىڭ ئىككى يېنى ياپىلاق بولۇپ، ئىچىدە ئۈچ دانە كىچىك گۈلى بولىدۇ. تۆۋەن تەرەپتىكى ئىككى دانە كىچىك گۈلى چېكىنىپ پەقەت ئىنتايىن كىچىك سىرتقى قاسىرىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە بىر دانە قوش جىنسلىق گۈلنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلىشىدۇ؛ قاسىرىقى ئىنتايىن چېكىنگەن بولۇپ، پەقەت كىچىك باشاق سېپىنىڭ ئۇچىدا يېرىم ئايسىمان ئىزى قالىدۇ. قوش جىنسلىق كىچىك گۈلنىڭ سىرتقى قاسىرىقىدا تۈكچىلەر بولىدۇ. قىلتىرىق بولىدۇ ياكى بولمايدۇ. ئىچكى قاسىرىقىدا ئۈچ دانە تومۇرى، مېۋىسىدە قىلتىرىقى بولىدۇ، جۇڭگو ئۇنىڭ ئەسلى ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، بولۇپمۇ، جەنۇبتا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شال شەرقىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە سۇلۇق شېلى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ كېيىنكىسىنىڭ سورتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن قىسقا غوللۇق شال، سوقىچاق شال ۋە يېپىشقاق شالدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيىسى بار، لىنىيە ئىچىدە يەنە بىر قانچە سورت لىنىيىسى بولىدۇ. مەسىلەن، چىلگە شال، نورمال پىشىدىغان شال ۋە كېچىكىپ پىشىدىغان شال قاتارلىقلار. بەزى ئالىملار قىسقا غوللۇق شال بىلەن يېپىشقاق شالنى ئىككى ئۆزگەرگەن تۈردە قارايدۇ، بىراق بۇ چۈشەنچە كۆپ قوللىنىلمايدۇ. شالنىڭ ئۇرۇقى (گۈرۈچ) نى ئىستېمال قىلىش، ھاراق ئېچىتىش، سىركە ئېچىتىش، كراخمال ئايرىشتىن باشقا، گۈرۈچ كېپىكى يەم - خەشەك قىلىنىدۇ؛ شادىسى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ ۋە قەغەز ياسىلىدۇ. يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.