UyghurMain Dictionary
دانىشمەن پادىشاھ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 554) يەنى مۇقەددەس پادىشاھ. چاۋشيەن پېكچى خانلىقىنىڭ پادىشاھى (523 - 554). ئىسمى مىڭنوڭ. ۋۇنىڭۋاڭنىڭ ئوغلى. مىلادى 538-يىلى پايتەختنى شيوڭجىن (ھازىرقى چوڭ - چڭ نامدوگوڭجۇ) دىن سىبى (يەنە بىر ئىسمى سوفۇلى، ھازىرقى چوڭ - چوڭ نامدوفۇيۇ) غا يۆتكەپ، دۆلەت نامىنى جەنۇبىي فۇيۈ دەپ ئۆزگەرتكەن. جۇڭگونىڭ لياڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە بېرىش - كېلىش قىلغان. ياپونىيە بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، بۇددا دىنىنى تارقاتقان ھەمدە بەش نامە، تىبابەتچىلىك، يالچىلىق ۋە كالېندارچىلىق قاتارلىق ساھەرلەرنىڭ ئۆلىمالىرىنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ، ياماتو ئوردىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، كوگۇريو بىلەن سىللانىڭ ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي سىللا بىلەن يېڭىۋاستىن ياخشىلىشىپ، جەنۇبقا چۈشكەن كوگۇريوغا بىللە قارشى تۇرغان. 551-يىلى سىللا بىلەن بىرلىشىپ، كوگۇريودى خەنجياڭ ۋادىسىنى قايتۇرۇۋالغان. لېكىن ئىككىنچى يىلى بۇ ۋادىنى سىللا تارتىۋالغان. 554-يىلى قوشۇن باشلاپ سىللاغا چۇجۇم قىلغاندا بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ئۆلگەن. پېكچىلاردا خەنزۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆلگەندىن كېيىن ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتاش شۇنىڭدىن باشلانغان.