Chinese→UyghurMain Dictionary
丹参
ئورمانچىلىق,ئۆسۈملۈك
dān shēn
چۆل يالپۇزىDتېببىي
dān shēn
چۆل يالپۇزى (كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى چۆل يالپۇزىنىڭ يىلتىزى بىلەن يىلتىز غولى )Dئۇنىۋېرسال
dān shēn
چۆل يالپۇزى
بىئولوگىيە
چۆل يالپۇزى
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى چوڭ، قىزىل بولىدۇ. غولى تۆت قىرلىق بولۇپ، ئېرىقچە بولىدۇ، بەزلىك تۈكچىلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرمىقىنىڭ كەينىدە ئاق رەڭلىك ئۇزۇن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. ئايلانما ئۇزۇن ئۆسكەن كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدىكى ئالتە دانىدىن ئارتۇق گۈل شېخىنىڭ ئۇچى ياكى قولتۇققا توپلىشىپ ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ چەكسىز گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ گۈل كاسىسى ئىككى دانە كالپۇك شەكلىدە، رەڭگى بىنەپشە رەڭ، سىرتقى يۈزى ۋە كالپۇك گىرۋىكىدە يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. ئچىكى يۈزىدە ئاق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكچىلەر بولىدۇ، گۈلتاجىسى كالپۇكسىمان، بىنەپشەرەڭ بولىدۇ. گۈلتاجىنىڭ ئىچ تەرىپى ئاستىدا ئارىلىق تۈكچىلەر ھالقىسى بولىدۇ. كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى ئېللىپىسسىمان، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، قارا رەڭلىك بولىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان بولۇپ، ياپونىيىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، تەركىبىدە تانشىنون بولىدۇ، ئۇنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا، قان قېتىشنى يوقىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى تەڭشەش رولى بار. ئاساسەن ھەيز قالايمىقان بولۇش، قان قېتىپ توسۇلۇپ قېلىش، يۈرەك سىقىلىپ كۆكرەك ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، غەلۋىرەك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ھەمدە كۆپ خىل ياللۇغىلىنىشلارنى داۋالايدۇ. ئۇرۇقى ياكى تارماق يىلتىزى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.