Chinese→UyghurMain Dictionary
丹姆
دۇنيا تارىخى
دام
(1895 - 1976) دانىيىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىمىيە ئالىمى. 1920 - يىلى كوپېناھاگېن ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1940 - 1945 - يىلى ئامېرىكىلىق دويىسى (1893- ) بىلەن بىرلىكتە ۋىتامىن K1 نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ رولىنى سىناق قىلىپ ئېنىقلاپ چىققان، كېيىن 1943 - يىلى ئىككىسى بىرلىكتە نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1946-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1956 - يىلدىن باشلاپ دانىيىنىڭ ماي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان.