UyghurMain Dictionary
دانېلسون
دۇنيا تارىخى
(1844 - 1918) روسىيىدىكى نارودنىڭ مۇتەپپەككۇر. سىياسىي ئوبزورچى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا پېتربۇرگتىكى ئامانەت قەرز ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە بوغالتىر بولغان، كېيىن باش تەكشۈرگۈچى بولغان ھەمدە باش ئىنقىلابىي زىيالىيلار گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان. <كاپىتال> نى ئەڭ بۇرۇن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ماركسىزمنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي، ماركسىزم نەزەرىيىسىنى روسىيىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، كاپىتالىزمنىڭ روسىيىدە تەرەققىيات ئىستىقبالى يوق دەپ قارىغان. كوممۇنانىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ۋە قول سانائەت ئىگىلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان. لېنىن ئنىڭ ئەكسىيەتچىل كۆز قارىشىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ <دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.