Chinese→UyghurMain Dictionary
党叁
بىئولوگىيە
قانتېپەر
قوڭغۇراقتىكەن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يۆگىشىپ ئۆسىدىغان پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. ئاق رەڭلىك سۈتى بولىدۇ. يىلتىزى سەۋزىگە ئوخشايدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىن شاخلىنىدۇ، غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، تۈكچىلىرى بولمايدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى تۇخۇم شەكىللىك ياكى تارتۇخۇم شەكىللىك، ئىككى يۈزىدە زىچ ياكى شالاڭ ئۆسكەن قىسقا ياتما تۈكچىلەر بولىدۇ. شېخىنىڭ ئۇچىدا 1 - 3 دانە گۈل ئۆسىدۇ. گۈل كاسا ياپراقچىسى تار چاسا يۇمىلاق ياكى چاسا يۇمىلاقسىمان تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ. گۈلتاجى ئاچ سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بولۇپ، سۆسۈن داغلار بولىدۇ، شەكلى كەڭ قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ، بەشكە نېپىز يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇقداننىڭ يېرىمى چىقىپ تۇرىدۇ. غوزا مېۋىسى ئۈچكە يېرىلىدۇ، گۈل كاسىسى ساقلىنىدۇ. شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە غەربىي شىمالغا تارقىلىدۇ، چاۋشيەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىدىمۇ بولىدۇ. ئورمانلىقنىڭ ئەتراپى ياكى چاتقاللىقتىكى چىرىندى تۇپراقتا ئۆسىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، تالنى ياخشىلاش، يەلنى راۋانلاشتۇرۇش، خىلىتنى ئۆستۈرۈش رولى بار. ئاساسەن ئوتتۇرا يەل ئاجىزلىقى، تال ئاجىزلىقىدىن بولىدىغان ئىچ سۈرۈش، چىرايى سارغىيىش، بۇرۇن قاناش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.