Chinese→UyghurMain Dictionary
当代纪事
دۇنيا تارىخى
زامانىمىزدىن خاتىرىلەر
يەنە بىر ئىسمى <دەۋر تەرتىپى بويىچە تۈزۈلگەن يىلنامە>، قەدىكى رۇس دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە تارىخى توغرىسىدىكى يىلنامە توپلىمى. تەخمىنەن 1113-يىلى كىيېۋ پېچورا مۇناستىرىنىڭ موناخى نېستور Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيانقى كىيۋسكايا رۇسنىڭ ھەر خىل يىلنامە، خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە، پادىشاھ - بەگزادىلەرنى تەرجىمىھالى ۋە ۋىزانتىيە ھەم غەربىي سلاۋىيانلار ھەققىدىكى ھۆججەت قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۈزۈپ چىققان. يىراق قەدىمكى زاماندىكى توپا دەۋرىدىن باشلاپ مىلادى Ⅸ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە بولغان رۇس جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. تارىخ، تىل، يېزىقنىڭ كېلىپ چىقىشى، دىن، دۇنياغا بولغان قاراش، جۇغراپىيىۋى بىلىم، سەنئەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتلەردىمۇ توختالغان. ئۇسلۇبى ئىخچام ۋە راۋان، بايان قىلىشى جانلىق بولۇپ، قەدىمكى رۇس دۆلىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بىر مۇنچە رىۋايەتلەرمۇ بار. كېيىن ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بەزى مەزمۇنلارمۇ قوشۇلغان.