Chinese→UyghurMain Dictionary
但丁
دىن
dàn dīng
基
خىرىستيان دىنى
دانتې ئالىگېرى
ئىستېتىكا,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dàn dīng
دانتې
دۇنيا تارىخى
دانتې
(1265 - 1321) ئىتالىيە شائىرى. فلورېنسىيە شەھىرىدىكى بىر ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان. 1300-يىلى فلورېنسىيىدە پاپا تەرەپدارى ۋە كورۇل تەرەپدارى بولۇپ، ئۇ پاپا تەرەپدارى بولغان. كېيىنرەك پاپا تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ئاقلار ۋە قارىلار دەپ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئالدىنقىلىرى كورۇل تەرەپدارلىرىغا يېقىن، كېيىنكىلىرى بۇلارغا قارشى پوزىتسىيىدە تۇرغا. دانتې ئاقلارغا تەۋە بولۇپ قالغان. 1302-يىلى قارىلار گۇرۇھى ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، دانتې رىم ۋاتېكانىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان، ئىتالىيىنىڭ ھەر - قايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئاخىر لاۋېنادا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسىرى - لىرىكىلىق شېئىرلار توپلىمى - <يېڭى ھايات> بولۇپ، بۇنىڭدا، ئۆزىنىڭ ياقتۇرغان ۋە ۋاقىتسىز قازا تاپقان قىزى بېياتلىسقا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن. <ئاممىباب تىل ھەققىدە> دېگەن ئەسىرىدە، مىللىي تىل بىلەن (ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە لاتىن تىلىنى قوللىنىشىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن) يېزىقچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىتالىيان مىللىي تىلىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تېزلەتكەن. <مونارخىيە توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشنى، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە پادىشاھلىقى دۆلىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى - <ئىلاھ كومېدىيىسى> (1307 - 1321) بولۇپ، بۇ، توسكانا شېۋىسى بىلەن يېزىلغان داستان. داستان <دوزاخ>، <ھەۋەزى كەۋسر> ۋە <جەننەت> دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. <ئىلاھ كومېدىيىسى> گەرچە كاتولىك دىنى جەمئىيەتلىرى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن تەركىدۇنياچىلىق ۋە ئاخىرەت كۆز قارىشىنىڭ ئاسارىتىدىن خالى بولامىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ بىخلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى ئىتالىيىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەڭ دائىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، پاپا ۋە روھانىيلارنىڭ ئاچكۆزلۈكلىرى ۋە زالىملىقىنى دادىللىق بىلەن ئەيىبلىگەن. ئېنگېلس دانتېنى: <ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كەنجى شائىرى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى زاماننىڭ تۇنجى شائىرى> دەپ ئاتىغان. (<ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى>، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-توم 419 بەت)ئ