Uyghur←ChineseMain Dictionary
داندىغا يۈرۈش قىلىش
Domain: دۇنيا تارىخى丹地进军
dān dì jìn jūn
تۇز ئۈچۈن يۈرۈش قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاندىكى گەندى قوزغىغان ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇزنى مەخسۇس سېتىش قانۇنىغا قارشى ھەرىكەت. 1930-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گەندى ئۆزىنىڭ 79 نەپەر مۇرىتىنى باشلاپ ئامرد ائباتتىكى <ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئورنى> دىن پىيادە يولغا چىقىپ، دېڭىز بويىدىكى داندى كەنتىگەكېلىپ، ئۆزلىرى تۇز ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان. ئۇلار يول بويى ھەر قايسى كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قوللىغۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز قوشۇلغان. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى داندى كەنتىگە يېتىپ كەلگەن. 4-ئانىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، دېڭىز ساھىلىدا دېڭىز سۈيىدىن تۇز ئىشلەپ چقىرىشنى باشلىۋەتكەن. بۇ ھەرىكەت ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىپ، تۇزنى مەخسۇس سېتىش قانۇنىغا قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاممىۋى ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 5-ئايدا، گەندى قولغا ئېلىنىپ، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىنغان، ھەرىكەتكە قاتناشقان 6 مىڭدىن ئارتۇق ئامما تۇتقۇن قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.