UyghurMain Dictionary
دانچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىچىك، ئۇششاق دان.
گۆدەك قىز گۈرۈچ دانىچىلىرى يېپىشىپ تۇرغان ئويماقتەك ئاغزىنى قېيىدىغاندەك سەل ئۈمچەيتتى.
كۆچمە. دانىلىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇششاق بۆلەكلىرى، تامچە.
تۆمۈر خەلپىنىڭ كىرپىكلىرىدىكى ياش دانچىلىرى ئاي نۇرىدا خۇددى مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى.