Chinese→UyghurMain Dictionary
蛋白酶
خىمىيە
dàn bái méi
ئاقسىل ئېنزىمى ، پروتېئىنازاDتېببىي
dàn bái méi
ئاقسىل فېرمېنتىDباغۋەنچىلىك
dàn bái méi
پروتېئازاDئۇنىۋېرسال
dàn bái méi
پروتېئىنازا
بىئولوگىيە
پروتېئىنازا
ئاقسىللارنىڭ گىدرولىزلىنىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان بىر تۈردىكى ئېنزىملار بولۇپ، ئىنتايىن كەڭ تارقالغان، تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. مۇھىملىرىدىن: پېپسىن (ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى) ترىپسىن، (ئاشقازان ئاستى بەز ئاقسىل ئېنزىمى) خىموترىپسىن، (ئاشقازان ئاستى بېزى سۈت ئۇيۇتقۇچى ئاقسىل ئېنزىمى) ئۇرېكىنازا، پاپائىن (بېھى ئاقسىل ئېنزىمى) برومېلىن، (ئاناناس ئاقسىل ئېنزىمى) سۇبتىلىس پروتېئىنازا، (چۆپ تاياقچە باكتېرىيە ئاقسىل ئېنزىمى) سترېپتوتېئىنازىلار بار. بىر خىل پروتېىئىنازا ئاقسىللاردىكى پەقەت بەلگىلىك پېپتىد بېغىنىلا گىدرولىزلىيالايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاقسىل ئېنزىملىرى پېپتىد بېغىنى گىرولىزلىغاندىن باشقا يەنە ئېستېر، ئامىد باغلىرىنى گىدرولىزلايدۇ. بەزى جانلىقلارنىڭ تېنىدە پروتېئىنازىلارنىڭ تورمۇزلىغۇچىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ترىپسىننىڭ تورمۇزلىغۇچىسى،پېپتىدنى قوزغىتىپ قويۇپ بەرگۈچى ئېنزىمنىڭ تورمۇزلىغۇچىسى بولۇپ، ئۇلار بەدەندە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىلەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئېرىشىلگەن ياسالمىلىرى كلىنىكىدا، مەسىلەن، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغىنى داۋالاشتا، كۈيۈكتىن كېيىكى شۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ۋە تۇغۇتتىن كۆپ قان كېتىشلەردە ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر پروتېئىنازىلارنى ئىچكى ئەزالاردىن تەييارلاشتىن سىرت يەنە مىكرو ئورگانىزملاردىنمۇ تەييارلىنىدۇ. سانائەتتە ئېنزىملىق ئۇسۇل بىلەن تېرىنى يۇڭدىن، ئاقسىل يىپچىلىرىدىن ئايرىشتا، ئىشقارلىق ئاقسىللاردىن پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. تېببىي دورىگەرلىك سانائىتىدە گىدرولىزلانغان ئاقسىللار ۋە پېپتوننى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.